- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
2014.05.07 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي چىڭداۋدىن بەرگەن خەۋىرى: 6-چېسلا چىڭداۋدا ئېچىلغان ئۆلكە-مىنىستىرلىك بىرلىكتە چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىغىنىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: يېقىنقى بەش يىلدا كىرگۈزۈلگەن چەت ئەلدە ئوقۇغان يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى 30 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2013-يىلى جايلارنىڭ كىرگۈزۈش پىلانى بويىچە كىرگۈزۈلگەن چەت ئەلدە ئوقۇغان يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى 7601گە يەتتى. نۆۋەتتە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى، قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلىرىنىڭ 55 پىرسەنتى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلاردىن تەشكىل تاپتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر