- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ «پىروفېسسور» بولالايدۇ
2014.05.12 18:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاڭچۇن شەھەرلىك شۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جىن يۈچا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ رەسمىي ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى بولىدىغان بولدۇق، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك.» يېقىندا، جىلىن ئۆلكىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 59 ئوقۇتقۇچىغا ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت (ۋەزىپە) كىنىشكىسى تارقىتىپ بەردى. جىلىن ئۆلكىسىدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي ئۇنۋان ئالغان ئوقۇتقۇچىلار مەيدانغا كەلدى.
جىلىن ئۆلكىسى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2013-يىلى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋان تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى ـــ تېخىمۇ كۆپ تالانتلىقلارنى ئۆمۈر بويى مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش ۋە ئىلھام بېرىش.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر