باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى مايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

2014.05.13 09:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ چۈنخۇانىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك تەمىنلەش شىركىتى قۇرغان تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى ‹‹گەنلۇ›› ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسفورموتور ئىستانسىسى مايدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ سىغىمچانلىقى تېز ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش ئەھۋالى ياخشىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹گەنلۇ›› تىرانسفورموتور ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا تولۇق رەقەملىك لايىھەلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىستانسىدا 110 كىلوۋولتلۇق ئارىلىقتىن يەتتىسى، ئون كىلوۋولتلۇق ئارىلىقتىن 33ى بار ئىكەن. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 220 كىلوۋولتلۇق ‹‹لۇڭگاڭ›› تىرانسفورموتور ئىستانسىسىدىن ئىككى لىنىيەدە توك كىرگۈزگەندىن كېيىن، 50 مېگاۋولتلۇق ئىككى بىخەتەر تىرانسفورموتور ئارقىلىق مىچۈەن – كۆكتاغ سانائەت رايونىغا دەسلەپكى قاراردا كىرگەن سانائەت تۈرلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ھازىر تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا ئىش تاماملانغان بولۇپ، ئاخىرقى ئۈسكۈنە تەڭشەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىرىپتۇ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك تەمىنلەش شىركىتى يەتكۈزۈش – ئاسراش – رېمونت قىلىش بۆلۈمى بىلەن قۇرۇلۇش بۆلۈمى ئۈسكۈنە، تور، ئالاقە قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بايقالغان يېتەرسىزلىك ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىر – بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر