باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيەدە يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان تاماكا چەكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن

2014.05.14 09:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيەدە يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان تاماكا چەكلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇن چوڭ كارخانىلار خىزمەتچى خادىملارنى تاماكا چەكمەسلىككە دەۋەت قىلغان. يېقىندا بەزى كارخانىلار ھەتتا تاماكا چېكىش-چەكمەسلىكنى يىللىق باھالاش ۋە ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش بىلەن باغلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت ھۆكۈمەتمۇ تاماكا قېپىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى كۆپەيتىش، ئىس-تۈتەكسىز رايوننىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە جەرىمانە قويۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن تاماكا چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

  كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ كارخانا بولغان سامسۇڭ ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۆلۈمدىكى 35 مىڭغا يېقىن خىزمەتچى خادىمنى تاماكا چەكلەش پىلانىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بىر باياناتچىسى: «بىز خادىملارنى شىركەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى دەپ قارايمىز، شۇڭا ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا كېپىللىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز، يېقىندا يولغا قويۇلغان تاماكا چەكلەش پىلانى مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ ئىپادىلىنىشى، بۆلۈمدىكى خادىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىردەك ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، تاماكا تاشلاش توغرىسىدا ۋەدە بەردى» دېگەن. بۇ باياناتچى يەنە: «سامسۇڭ شىركىتى تاماكا چەكلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، تاماكا چېكىش-چەكمەسلىك خادىملارنى ئۆستۈرۈش-ئۆستۈرمەسلىكتە ئويلىشىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن. ۋۇڭجىن گۇرۇھىمۇ تاماكا چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرغان. مەزكۇر گۇرۇھ 2-ئايدىكى خادىم ئۆستۈرۈشتە تاماكا چېكىش-چەكمەسلىكنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ھەم بارلىق يېڭى خادىمدىن تاماكا چەكلەش ئەھدىنامىسى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغان.

  مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر