باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ئوبلاستى «مۇستەقىللىق» جاكارلىدى

رۇسىيەپەرەس ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىدى

2014.05.13 19:48   مەنبە: خەلق تورى

ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ئوبلاستى «مۇستەقىللىق» جاكارلىدى

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ماي، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۇنىچىك ئوبلاستى بىلەن لۇخانسك ئوبلاستى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت»كە ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لۇخانسك ئوبلاستى ۋە دۇنىچىك ئوبلاستىدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللىگۈچىلەر 12-چېسلا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 11-چېسلادىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت قۇرۇشنى قارار قىلغان.

  12-چېسلا لۇخانسىك شەھىرىدە 2500 دەك ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. يىغىلىشتا جاكارلانغان خىتابنامىدە «لۇخانسىك خەلقى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ‐‐ لۇخانسىك خەلق جۇمھۇرىيىنى قۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ خىتابنامە ئوبلاست بويىچە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.»

  «دۇنىچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى»نىڭ رەھبىرى پۇشىلىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «دۇنىچىك خەلققى 11-چېسلادىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئاساسەن جاكارلايدۇكى، دۇنىچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇندىن كېيىن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولىدۇ.»

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لۇخانسىك ئوبلاستى ۋە دۇنىچىك ئوبلاستىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى 4-ئاينىڭ بېشىدا «خەلق جۇمھۇرىيىتى» قۇرغان ھەم 11-ماي ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز ئوبلاستى تەۋەسىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانىدى. ئىككى ئوبلاستتىكى ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللىگۈچىلەر 11-چېسلا كېچىدە ۋە 12-چېسلا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، %90 ۋە 90 نەچچە پىرسەنت ئاۋاز بەرگۈچىنىڭ قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …