- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تور بېكەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۈچەيتىلىدۇ
2014.05.13 18:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 12-ماي 5-ئايدىن 11-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تور بېكەتلىرىنى ئەنگە ئېلىشنى باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە تور بېكەتلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىنىش نىسبىتى ۋە ئەنگە ئېلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى ئايرىم ئايرىم %98.8 ۋە %80 گە يەتكۈزۈشنى جاكارلىدى.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 5-مايدىن 30- نويابىرغىچە ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلىرىنى چوڭقۇر تىزگىنلەش، پاكىز 2014-يىلى مەخسۇس ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، سىياسەت قانۇن نىزام ۋە ئۆلچەملىك سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تارماقلار بىرلەشمە ھەمكارلىق مېخانىزىمى قۇرۇش، كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تېخنىكىلىك ۋاستە قۇرۇلۇشى ، مۇئامىلدارلارنىڭ شىكايەت يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىىلاپ ھەرىكەتلەرنى جازالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنشى ئارقىلىق ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلىرىنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر