فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېتنلىقىنىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى Westminster چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن باس ئوردېنى چەۋەندازىنىڭ ئوتۇغات نامى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇراسىم ھەر تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە شاھزادە چارلىز قاتنىشاتتى؛ ئەمما سەككىز يىلدا بىر قېتىم، ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى شاھزادە بىلەن بىرلىكتە قاتنىشاتتى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2006-يىلى بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان.
بۇ مۇراسىمنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك ئوتتۇرا ئەسىرگە كېتىدۇ، پەقەت پەرھىز قىلىپ، تۈنەپ ۋە ئىبادەت قىلىپ قەلبى پاكىزلانغان چەۋەندازلارغىلا بۇ نام بېرىلىدۇ. بۇ مۇراسىمنى ئەڭ بۇرۇن 1725-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا Westminster چېركاۋى ھېنرى يەتتىنچىنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان چېركاۋى ئىدى.