11-ماي، ئالىم خالىق ئالدى كەينى بولۇپ كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىسار يېزىسى، خېشلىك يېزىسىغا بېرىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى»نىڭ ئىمزا قويۇپ سۆز قالدۈرۈش پائالىيتى ھەم «ئەخلاق دەرىسخانىسى» پائالىيتىگە قاتناشتى. مەملىكەتلىك باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئەخلاق نەمۇنىسى، شىنجاڭ ياشلىرى 4-ماي ئوردىنىنىڭ ئېرىشكۈچىسى، «ياخشى بالا» ئالىم خالىق تەكلىپ بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا كورلىدىكى كەڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەندىن باشلىنىدۇ»دېگەن تەشەببۇسنى ئېلان قىلدى.
ئالىم خالىق ئىمزا قويۇپ سۆز قالدۇرۇش پائالىيتىدە رەسمىي قىلىپ مۇنداق سۆزلەرنى قالدۇردى: ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز ئارا توغرا چۈشۈنىش، ئۆز ئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى.
بۇ يىل ماي، شىنجاڭنىڭ 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى، ئاساسىي تېمىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەندىن باشلىنىدۇ»