باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى تەكىتلىدى

2014.05.12 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كوللېكتىپىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستىل قۇرۇلۇشى-مەڭگۈلۈك تېما، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم چىڭ تۇتۇپ، دائىملىق ھالەت شەكىللەندۈرۈپ، چوڭقۇر چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم يارىتىپ، تۇرغۇزۇش بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ناھەقچىلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەلا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىستىلىنى تۈپتىن ياخشىلاشقا تېرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە نۇقتىسى بولۇشقا تاللىدى. شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لەنكاۋغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، يەنە كۆپ قېتىم ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ 9-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو گېڭماۋ، ئۆلكە باشلىقى شيې فۇجەننىڭ ھەمراھلىقىدا، لەنكاۋ ناھىيەسىگە باردى. يولدا ئۇ لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ لەنكاۋغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، جياۋ يۈلۇ كادىرلار ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ، لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ۋە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر