باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ چەرچەن ناھىيەسىگە غەربىي رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىستۇدېنتلارغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى

2014.05.12 11:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنى چېگرا رايونغا بېغىشلاش

  گو يۇڭلى خەۋەر قىلىدۇ: چەرچەن ناھىيەسى 7 – ماي چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېي باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ غەربىي رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىستۇدېنتلار ۋەكىلىگە يازغان جاۋاب خېتىنى ئۆگەندى، باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىستۇدېنتلار باش شۇجىنىڭ مەدىتى ۋە ئۈمىدىنى ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  2000 – يىلى خېبېي باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن 15 ئىستۇدېنت دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2013 – يىلىغا قەدەر، خېبېي باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن 97 ئىستۇدېنت شىنجاڭ، شىزاڭ، گۇيجۇ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان. ھازىر، چەرچەن ناھىيەسىدىكى 24 ئىستۇدېنت ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئايلاندى.

  يېقىندا، غەربىي رايون مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىستۇدېنتلار ۋەكىلى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى. بۇ يىل ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ياشلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جەريانىغا رەڭدار تۈس قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  7 – ماي چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىستۇدېنتلار پىكىر ئالماشتۇرۇش نۇتقى سۆزلىدى. نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا يىغىن زالىنى بىردە كۈلكە ئاۋازى قاپلىسا، بىردە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى...

  ‹‹باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى مېنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشقا بولغان ئىرادەمنى چىڭىتتى، مەن بۇ جاينى چىن كۆڭلۈمدىن ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، باش شۇجىنىڭ <ۋەتەننىڭ ياخشى قىز – ئوغۇللىرى ھەرقايسى جايلاردا پىدائىي بولۇپ ئىشلىمەكتە، ئىرادىلىك كىشىلەر كۈرەش قىلغىنى ئۈچۈن پۇشايمان قىلماسلىقى كېرەك>، دېگەن تەلىمىنى يادىمدا چىڭ ساقلاپ، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىمەن››، دېدى 32 ياشلىق جاۋ گوباۋ ۋە ئاچىسى جاۋ يەنجۇ، ئۇلار ئىككىلىسى باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگەن.

  چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى جىڭ خۇيفاڭ مۇنداق دېدى: ئەتراپىمىزدا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار ئىنتايىن كۆپ، كۆپچىلىك ياشلىقىنى بۇ جايغا ئاتا قىلدى. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى غەربىي رايونغا، ئاساسىي قاتلامغا، ۋەتەننىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلىرىغا بېرىپ چېنىقىپ، ئۆسۈپ – يېتىلىۋاتقان ياش ئىستۇدېنتلار ۋە غەربىي رايون مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن پىدائىيلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ، باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ غەربىي رايون مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىستۇدېنتلارغىلا بېرىلگەن ئىلھام بولۇپ قالماستىن، جەمئىيەتتىكى ياشلارغا بېرىلگەن ئورتاق ئىلھام ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر