باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

2014.05.12 10:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرگىنى يوق، مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەشتەك خىزمەت باش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ9-مايدىن 10-مايغىچە كەيفېڭ، جېڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەمدە ئاساسىي قاتلاملارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ 9-ماي چۈشتىن بۇرۇن لەنكاۋ ناھىيەسىدە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت كوللېكتىپىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋېيشى ناھىيەسىنىڭ جاڭشى بازىرىدا كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، يېزا بازارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئەھۋالىنى ئىگەللىدى، ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، يىغىندا شى جىنپىڭ ۋە ئاساسى قاتلامدىكى يولداشلارنىڭ ئىستىل تۈزىتىش، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستىلنى تۇتۇش، تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇشتا مەركەزنىڭ بەلگىلىگەن ھەرىكىتى بار، ئەمما تارماقلار بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، ئىشنى بىراقلا بىر تەرەپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، يېزا بازارلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ۋە ئامما خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئەلنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش لازىم، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار، رەھبەرلەر ۋە ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىغا، ياخشى كۈچلەرنى توپلاشقا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈشكە مۇھتاج.

  9-ماي چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ يەنە كەيفېڭ شەھىرى ۋېيشى ناھىيەسى جاڭشى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەلا سورتلۇق ئېتىزلارنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىمى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر چىڭ تۇتۇشى، بەكرەك چىڭ تۇتۇشى كېرەك، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يىلتىزى تېرىلغۇ يەرلەردە، تومۇرى سۇچىلىقتا، چىقىش يولى پەن تېخنىكىدا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىياسەتتە، بۇ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى بىرمۇ بىر تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۆلچەم نۇقتىسىدا تىرىشىپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، ئاشلىقنى ئائىلە باشقۇرۇش بىلەن كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، يەرلەرنى ئوبوروت قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ سودا مال ئوبوروت كەسپى ۋە كارخانىلارنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جېڭجۇ شەھىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا ئېلېكتىرو سودا مۇلازىمىتى سىناق تۈرىدە ئۇ مال ئوبوروت قىلىش، تەقسىملەش، ئوراش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، ئۇلارنى سودىدا پۈتۈن يەر شارىغا يۈزلىنىش نىشانىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، شى جىنپىڭ جېڭجۇ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدا تۆمۈر يول ، تاشيول ، ھاۋا ۋە دېڭىز پورتى بىرگەۋدىلەشكەنلىكىنى، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت مۇلازىمەت مەركىزى، جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز مال تىرانسپورت مەركىزى، ئەقىل ئەشيا ئوبوروت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىغا تۇتاشقان شەرقىي ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مال ئوبوروت قاتناش تۈگۈنى ھاسىل قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش جابدۇقلىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تېخنىكىدىكى توساقنى بۇزۇپ تاشلاش جەھەتتىكى مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جابدۇق ياسىمىچىلىقى بىر دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تۈۋرۈكى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنىڭ يادروسى.

  تەكشۈرۈش جەريانىدا شى جىنپىڭ خېننەن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خېننەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز تەرەققىياتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، بىز ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئىستراتېگىيەدىكى مۇقىم ھالەتنى ساقلىشىمىز لازىم،تاكتىكا جەھەتتە تۈرلۈك خەتەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالدۇر پىلانلاپ ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، پاسسىپ تەسىرىنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش كېرەك، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىش قىلىشتا ئادەمگە تايىنىش كېرەك، ئەخلاق ۋە قابىلىيەتتە تەڭ يېتىشكەن يۇقىرى ساپالىق تايانچ كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى، پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىشنى ئىنتايىن مۇھىم كىشىلىك تۇرمۇش دەرسى قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر