شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 10-ماي، تايلاند بانكوك، تايلاندنىڭ قىزىل مايكلىقلار ئارمىيەسى يىڭلاكنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ كوچىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتكە مەدەت بەردى ھەم ئۆكتىچىلەر بىلەن قارشىلاشتى.
تايلاندنىڭ ئىستىبداتلىققا قارشى دېموكرات ئىتتىپاقىنىڭ قوللىغۇچىلىرى «قىزىل مايكىلىق»لىرى 10-مايدىن باشلاپ پايتەخت بانكوكنىڭ غەربىدىكى رايون ۋە باشقا جايلاردا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە مەدەت بەردى ۋە ئاساسىي قانۇن سوتى قاتارلىق مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ «ئادىل بولماسلىقى»غا ئېتىراز بىلدۈردى.
بۇندىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۆكتىچى نامايىشچىلار بانكوكتا يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت بولغان «ھەل قىلغۇچ جەڭ»گە ئاتلاندى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشۈشىنى ھەم ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.