باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەت تەكشۈردى

2014.05.12 18:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەت تەكشۈردى. سۈرەتتە: 9-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋېيشى ناھىيەسىنىڭ جاڭشى بازىرىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك بۇغداي ئېتىزىنى كۆزدىن كەچۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ زې فوتوسى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئۆزگەرگىنى يوق، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىتىنى داۋاملىق ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پىكىرنى يېڭىلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنگىچە، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو گېڭماۋ، ئۆلكە باشلىقى شيې فۇجەننىڭ ھەمراھلىقىدا كەيفېڭ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا يېزا-كەنت، كارخانا، باج ئېلىنمايدىغان ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر