باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرىمىز

2014.05.12 11:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مەخسۇس ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەرگە قارىتا يېڭى تەلەپ ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىلات، كادىرلار ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىغا كونكرېت تەدبىر تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئىككى تەرەپتىن چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەندە، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ئىستىلنى ئاڭلىق ئۆزگەرتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش تونۇشى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. يەنە بىرى، مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا ياخشىسىنى تاللاپ، كۈچلۈكىنى سەپلەشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، زەئىپ، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتىنى رەتكە سېلىشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇقىملىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە خىزمەتنىڭ قاپلىنىشى جەھەتتە كوچا باشقارمىسى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن قاراشلىق ئورۇنلار رايون خاراكتېرلىك پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى نۇقتىلىق كەنت ۋە مەھەللىلەردە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ‹‹ئۈچتە زىيان تارتماسلىق››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئادەم ئىشلىتىشتە يېتەكچى قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، بوران – چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش›› مۇھىم كۆرسەتمىسى بويىچە، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ‹‹ئۈچتە كەسكىن، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش›› تەلىپىنى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، تەيىنلەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى، كادىرلارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئۇيۇشۇش، بىرىكىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە كەسكىن، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش›› ئارقىلىق ناچار ئىستىلنى يوقىتىپ، ساغلام كەيپىياتنى مۇجەسسەملەپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ‹‹تۆتتە نەمۇنە بولۇش››نى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئۈلگىلىك تارماق، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. بىرىنچى، نەزەرىيە قورالىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇشتا نەمۇنە بولۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنە ئىستىلى ۋە مۇنەۋۋەر خىزمەت تەشكىللەش مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتكە تەشكىللىگۈچى كادىرلارنىڭ كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئادىل – دۇرۇس بولۇشنىڭ نەمۇنىسى بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئەمەلىي چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنى تاللاپ، بەنزە تەشكىللەش مۇھىم مەسىلىسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ياخشىلاش قاتارلىق قىزىق مەسىلىلەر، تەس مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپتە كامالەتكە يېتىشنىڭ نەمۇنىسى بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، خىزمەتكە تەشكىللىگۈچى كادىرلارنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى، ئالاقىلىشىش ئائىلىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق، تەپسىلىي، ئېھتىياتچان، ئەمەلىي بولۇپ، خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى چوقۇم تەلەپ قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر