باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەتتە يېڭى يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى

2014.05.12 19:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 4-ئايلىق ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۇددا ئىككى ئاي ئاشقان. مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشىچە، ياسىمىچىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئازراق ئېشىشىغا قارىغاندا، كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان ئىنتېرنېت تورى تەپەككۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىسىدا، ياسىمىچىلىق بازىرىدىكى جانلىق كۈچلەر كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ پىلانىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2018-يىلىغا بارغاندا، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى چوڭ ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ ئىككى تەرەپلىك بىرىكىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باسقۇچىدىن يۇقىرى كارخانىلارغا مەركەزلىشىشى %80كە يەتكۈزۈلىدۇ. نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىش نىسبىتى %70كە يەتكۈزۈلىدۇ. مۇشۇنداق يۈزلىنىشكە ماس ھالدا، سىپىرلاشتۇرۇش، يۇمشاقلاشتۇرۇش ھەمدە سىستېمىلارنى توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى يادرو قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ يىل 1-پەسىلدە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.7 ئاشتى، لېكىن سانائەتتە ئىگىلىگەن سالمىقى %82 بولغان ياسىمىچىلىق يەنىلا %9.9لىك بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئېشىپ، سانائەتنىڭ ئوتتۇرچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.1 پوئىنتى يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر