- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تايلاندنىڭ ئايال باش مىنسىتىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن كۆز يېشى قىلدى
2014.05.09 17:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 8-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسى 7-ماي باش مىنىستىر يىڭلۇكنى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان ھەمدە ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى قارار قىلدى، بۇنىڭ بىلەن تايلاندنىڭ تۇنجى ئايال باش مىنسىتىرى 1000 كۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ئاخىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى.
بىراق يىڭلۇكنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى تايلاندنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتتىكى سىياسىي كرىزىسكە پاتۇرۇپ قويدى. يىڭلۇك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىچكى كابىنېتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنسىتىرى، قوشۇمچە سودا مىنىستىرى باش مىنستىرلىق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۈستىگە ئالدى. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنى دەرھال سايلام ئېلىپ بېرىش، مەن سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق قاتمال ھالدا تۇرىۋېرىشىنى خالىمايمەن.»
تايلاند ھۆكۈمىتى يىڭلۇك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان «قىزىل مايكىلىقلار ئارمىيىسى» ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇنسۇرلارنىڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. يىڭلۇك 7-ماي سوتقا قاتناشمىدى، پەقەت ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىشىنى تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىش پروگراممىسىنى كۆردى. ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەن ئىچكى كابىنېت ئالاھىدە يىغىنىغا قاتنىشىپ سايلام كومىتېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلىپ بارىدىغان سايلام خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىشلارنى مەسلىھەتلەشتى. شۇندىن كېيىن يىڭلۇك ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانمىغانلىقى بىلدۈردى. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مەن تايلاند باش مىنسىتىرى بولغان مەزگىلدە بارلىق تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم ... مەن ھېچقاچان سوت مەھكىمىسى مېنى ئەيىبلىگەندەك جىنايەت سادىر قىلىپ باقمىدىم.»
يىڭلۇك سۆز قىلىش جەريانىدا كۆزلىرىدە ياشلار لىغىرلاپ قالغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:«ھازىردىن باشلاپ مېنىڭ ئەھۋالىم كېيىن مەيلى قانداق بولسۇن، مەن يەنىلا ئىزچىل ھالدا دېموكراتىزمدا چىڭ تۇرىمەن. مەن بۇندىن كېيىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىمدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىمەن.» ھازىر يىڭلۇكنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغان ياكى سۇنمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى سايلامغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.
يىڭلۇك يەنە يۇقىرى باھادا دېھقانلاردىن گۈرۈچ سېتىۋېلىش جەريانىدا خىيانەتچىلىك قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ دېلوغا پات يېقىندا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلىپ قالسا ئۇ بەلكىم بەش يىل سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسى يىڭلۇكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان توققۇز نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەزاسىنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئېلىپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇلار مۇئاۋىن باش مىنسىتىر، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇراپوڭ (Surapong)، مۇئاۋىن باش مىنسىتىر، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى كىتتىلات (Kitti Lat)، مۇئاۋىن باش مىنسىتىر پىراچا (Pracha)، ئەمگەك مىنىستىرى چالىن (Chalin) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئۇندىن باشقا ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى كىلەر قېتىملىق يېڭى ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىنغۇچە بولغان ئارلىقتا ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتىسە بولىدۇ.
يىڭلۇكنى قوللايدىغان «قىزىل مايكىلىقلار ئارمىيىسى» نىڭ رەھبىرى چاتۇچاك (Chatuchak) مۇنداق دېدى:«بىز بۈگۈنكى ھۆكۈمگە قارىتا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدۇق، بىزنىڭ دۈشمىنىمىزنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى دېموكراتىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر يىڭلۇكنىڭ ھاكىمىيىتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان بولسا، «قىزىل مايكىلىقلار ئارمىيىسى» ھەرگىزمۇ ياندا قاراپ تۇرمايدۇ. بىراق ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«بىزنىڭ قورال كۈچىنى ئىشقا سېلىشقا ئاساسىمىز يوق، بىز پىلان بويىچە 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزمەكچى.»
ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ رەھبىرى ئاساسى قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:«باڭكوك مەركىزى باغچىسىدا بۈگۈن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بىراق بىز تېخى ئاخىرقى نىشانىمىزغا يەتمىدۇق، بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز بولسا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلامنى كېچىكتۈرۈش.» ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچىلار بۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى يىڭلۇك تەختتىن چۈشكەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر