باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 670 مىڭدىن ئاشتى

2014.05.12 16:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11–ماي ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، 20–ئاپرېلغىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 670 مىڭ 440 قا يەتكەن، مايدا 680 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .

  20–ئاپرېلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 670 مىڭ 440 قا يېتىپ ، سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى % 1.6 بولغان ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.3 ئاشقان . ئاپرېلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7997 نەپەر شوپۇر كۆپەيگەن بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.5 كۆپەيگەن . ئاپرېلدا 25 مىڭ 678 كىشى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقان ، 20 مىڭ 930 كىشى لاياقەتلىك بولغان ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى % 81.5 بولغان .

  قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرىچە ، مايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8000 نەپەر شوپۇر يېڭىدىن قوشۇلىدىكەن ، جەمئىي شوپۇر سانى 647 مىڭ 500 كىشى ئەتراپىغا يېتىدىكەن ؛ 8000 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يېڭىدىن كۆپىيىپ ، جەمئىي سانى 685 مىڭغا يېتىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر