باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى«رايونغا ئايرىپ سىياسەت يۈرگۈزۈش» ئارقىلىق سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

2014.05.12 19:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كىرىشىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى «قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل» دىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىپ، پەرقلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆت خىل تۈردىكى رايون قاپلىغان يېزا ئىگىلىك كەسىپ ساھەسى بىر بىرىگە ئوخشىمايدىكەن، «يېشىل رايون» دۆلەت سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ كىرىشىنى قوللاپ ئىلھام بېرىدىغان رايون بولۇپ، قىسمەن ئاممىۋى پاراۋانلىق فۇنكىتسىيىسىنى ئۈستىگە ئالغان. «كۆك رايون» دۆلەت سودا سانائەت كاپالىتىنى كىرگۈزۈشكە يېتەكلەيدىغان رايون بولۇپ، بازارلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرىكەن. «سېرىق رايون» دۆلەت سودا سانائەت كاپىتالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان رايون بولۇپ، دېھقانلار بىر قەدەر كۆپ، يەر زىچ توپلاشقان كەسىپلەرگە چېتىلىدىكەن. «قىزىل رايون» دۆلەت سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ كىرىشىگە چەكلىمە قويىدىغان رايون بولۇپ، بۇلغىما ئېغىر، سەرپىيات يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگىكەن. سودا سانائەت كاپىتالىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان رايونلار ئىچىدە «يېشىل رايون» غا سېلىنىدىغان مەبلەغ يۇقىرى، خەۋپ چوڭ، قايتۇرۇۋېلىش ئاستا بولىدىكەن؛ «كۆك رايون» نىڭ سېلىنما خەۋپى چوڭ، ئەمما پايدىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قايتۇرۇۋېلىش بىر قەدەر تېز بولىدىكەن؛ «سېرىق رايون» نىڭ سېلىنمىسى بىر قەدەر ئۇزاق مۈددەتلىككە ئىگە بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن، قايتۇرۇۋېلىش دەۋرى ئۇزۇن بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر