باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ ساقچى دائىرىلىرى رادىياكتىپ دېلوسىغا چېتىشلىق 4 كىشىنى تۇتتى

2014.05.12 19:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەنجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نەنجىڭ رادىياكتىپ مەنبەسىدە يوقۇتۇپ قويۇش ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتى بار 4 كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتتۇق. نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خىمىيە سانائەت باغچە رايونى شۆبىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق 7-ماي تيەنجىن شەھىرى خۇڭدى ئۆلچەش شىركىتىنىڭ 4 خادىمى رادىياكتىپ مەنبەسىدە مەشغۇلات قىلغان ۋە ساقلاش داۋامىدا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىرىدى-192نى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېنىقلىغان. 10-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا خىمىيە سانائىتى باغچە رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 136-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەتەرلىك بۇيۇملار دېلوسىغا چېتىشلىق ئالاقىدار مەسئۇل 4 كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتقان. دەسلەپتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، بۇ ۋەقە خۇڭدى ئۆلچەش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىشى ۋە ساقلاشىدىن كېلىپ چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر