باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئانگۇلادا چەتئەلدىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2014.05.12 19:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئانگۇلادا 200 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو پۇخراسى بار بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقىدا تۇرىۋاتقان جۇڭگو پۇخرالىرىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-ماي چۈشتىن كېيىن ئانگۇلانىڭ پايتەختى لۇئاندادا، چەتئەل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئانگۇلادىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى بىلەن جۇڭگو پۇخرالىرىنىڭ چەتئەللەردىكى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئائىت پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇخرالىرىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. خەلق تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ ئىش، ئېلىمىز كارخانىلىرى ۋە پۇخرالىرىنىڭ چەتئەللەردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ھەم ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى شۇنداقلا پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيىتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇخرالىرى چەتئەللەرگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشتا، گەرچە بازار ئىگىلىكى چوڭ دولقۇنىدا ئېلىشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر تەرەپلىك پايدىنى قوغلاشماستىن، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى كۆزلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا سىرتقا ئېچىۋېتىشتە مول نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چەتئەللەردىكى خەلق تۇرمۇشى بىلەن يەرلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى بىرلەشتۈرۈش لازىم، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇخرالىرى يەرلىكنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى قوغداپ، تۇرىۋاتقان دۆلەتتە ئىناق ئۆتۈپ، جۇڭگو-چەتئەل دوستلۇقىنىڭ ياخشى ئەلچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىيە خىزمىتى ھەم دۆلەتنىڭ ئومۇملۇقىغا خىزمەت قىلىدۇ ھەم چەتئەللەردىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇخرالىرىغا خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گو ۋۇيۈەن چەتئەللەردىكى خەلق تۇرمۇشى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز كونسۇل قوغداش خىزمىتىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، چەتئەللەردىكى كونسۇل قوغداش مۇلازىمىتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەر شارى بويىچە كونسۇل قوغداش جىددىي تاقابىل تۇرۇش چاقىرىش مەركىزىنى تېزدىن قۇرۇپ، قېرىنداشلار مەيلى قەيەردە بولسا، كونسۇل قوغداش مۇلازىمىتىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزىمىز. كۆپچىلىكنىڭ تىنچ ئامان بولۇشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى كارخانىلار ۋە پۇخرالىرىنىڭ تۇرىۋاتقان دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كۆپچىلىكنىڭ چەتئەللەردە بىخەتەر، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر