باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئايلىق پائالىيىتى باشلاندى

2014.05.12 19:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن» ئاساسىي تېما قىلىنغان 32 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى. پائالىيەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە خىزمىتىنى تەشكىللەپ ئورونلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىدە نۆۋەتتە قانات يايدۇرىلىۋاتقان ئىككىنچى تۈركۈم پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە «خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق رايىنى ئۇيۇشتۇرۇش» پائالىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ پائال قاتنشىشى سەپەرۋەر قىلىنىپ، قويۇق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، ئامما كادىر مۇناسىۋىتى ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى يېڭى ئىلگىرلەشلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئىناق بىرگە ئۆتۈش، ئىناق تەرەققىي قىلىش تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە ئىدىيەۋى ئۇل سېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر