باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ نايرۇبى دۆلەتلىك باغچىسىدىكى كۆيدۈرۈلگەن پىل چىشى خاتىرە ئورنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

2014.05.12 19:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىنىيە زۇڭتۇڭى كىنياتا بىلەن بىرلىكتە كىنىيە نايرۇبى دۆلەتلىك باغچىسىدىكى كۆيدۈرۈلگەن پىل چىشى خاتىرە ئورنىنى بىرلىكتە ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە جۇڭگولۇق چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كىنىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش جەھەتتىكى جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئاپرىن ئېيتىدۇ ھەمدە ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو كىنىيە بىلەن ئوخشاشلا ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  لى كېچياڭ كىنىيە تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغورلۇقچە ئوۋلاشقا زەربە بېرىش جەھەتتە كىنىيەنى قانداق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو « يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار ئۆسۈملۈكلەر خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى» تۈزۈشكۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان، بۇ ئەھدىنامىگە بويسۇنۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادا پىل چىشىنى قانۇنسىز ئوۋلاش ۋە ئەتكەس قىلىش ھادىسسنىڭ ئەۋج ئېلىش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش قانۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تارماق بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، پىل چىشى ئەتكەسچىلىكى ۋە قانۇنسىز سودىغا قاتتىق زەربە بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلەر قەدەمدە بىز كىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيە ۋە ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش قارشى، ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قارىشىنى چوقۇم كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇزىدۇ. كىنياتا جۇڭگونىڭ ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىگە ئاپرىن ئېيتتى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىكولوگىيە ۋە ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر