باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.05.12 19:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 8-مايدىن 11-مايغىچە جېجياڭدا يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن، يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام يەرلىكتىكى دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنىلىق ئورنى ۋە رولىنى تولۇق تونۇپ، يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رول ئويناش لازىم. جاڭ دېجياڭ تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جياشىڭ شەھىرى، خۇجۇ شەھىرى، خاڭجۇ شەھىرىدە يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى سۆھبەت يىغىنى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يەكۈنلەش، ۋارىسلىق قىلىش، ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە مەجبۇرىيەتنى قانۇن بۇيىچە ئادا قىلىشنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزا بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر