باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ كېنىيە دۆلەتلىك ياشلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

2014.05.12 19:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كېنىيە دۆلەتلىك ياشلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. كېنىيە دۆلەتلىك ياشلار مۇلازىمەت ئەترىتى كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ يۇرت ماكانىنى قۇرۇش، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئازايتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئاپپارات. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مۇلازىمەت ئەترىتىنى كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە قۇرۇلۇش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن پائال تەمىنلەپ، ئەترەتنىڭ كەسپىي ماھارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. لى كېچياڭ يېتىپ بارغاندا كېنىيەنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۇتو بىلەن ياشلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ئۇنى كۈتۈۋالدى. لى كېچياڭ لۇتو بىلەن بىرگە تۈرلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ۋە جۇڭگو كېنىيە تۈرلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. مەيدانغا تۈرلۈك قۇرۇلۇش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك قويۇلغان ئىدى. جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك تۈر مەسئۇللىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەشنى زورايتىش ئارقىلىق، بۇ يەردىن چىققان ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى. لى كېچياڭ بۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى قېلىپىنى يارىتىپ بەردى، ھەم جۇڭگونىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپتۇ، ھەم شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ، ئافرىقىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىكەن دەپ تەستىقلىدى. ئاندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپمە رېمونت ماشىنىسىغا چىقىپ تەپسىلىي كۆردى. مۇلازىمەت ئەترىتى نەق مەيداندا قۇدۇق بۇرغىلاش، ئوت ئۆچۈرۈش، يۈك كۆتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى كۆرسەتتى. لى كېچياڭ بۇنى ھەۋەس بىلەن كۆردى. ئۇ مۇلازىمەت ئەترىتىگە مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى دۆلەتنىڭ ئۈمىدى. سىلەر كېنىيەنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىسىلەر. لى كېچياڭ يەنە جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىغا مۇنداق دېدى: سىلەرمۇ ياش، چەتئەلدە ئىگىلىك يارىتىۋاتىسىلەر، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە، جۇڭگو كېنىيە ھەمكارلىقىنىڭ شانلىق كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىسىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر