باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون 18مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت كەشپىياتچىنى تەقدىرلىدى

2014.05.12 16:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە 2014 – يىللىق مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت كەشپىياتچى شەرىپىگە ئېرىشكەن ۋاڭ شېڭ ‹‹بۇ شەرەپ كەشپىياتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن بېرىلدى. ئىستۇدېنت دوستلارغا دەيدىغىنىم، كەشىپ قىلىش ئەمەلىيەتتە قىيىن ئەمەس، ھەر قانداق ئىشنى ئىجتىھات بىلەن قىلساقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز››، دېدى.

  ۋاڭ شېڭ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئۇ گۇرۇپپىدىكى باشقا ئۈچ ساۋاقدىشى بىلەن بىللە ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ‹‹چوڭ ئېغىزلىق دولقۇنسىمان تۇرۇبا شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلمىسى››، ‹‹قومۇش يەنجىش قۇرۇلمىسى››دىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى كەشىپ قىلدى ھەم كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بىلەن ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ۋاڭ شېڭ مۇشۇ ئىككى پاتېنت تۈرىگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2014 – يىللىق بىرىنچى دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە 2014 – يىللىق مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت كەشپىياتچىلارنى تەقدىرلەش مۇراسىمى 25 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، بىڭتۈەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، بىڭتۈەن مائارىپ ئىدارىسى بىرلىشىپ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 18 مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت كەشپىياتچىنى تەقدىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر