باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ CCTV ئافرىقا شۆبە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى

2014.05.12 19:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىنىيەنىڭ پايتەختى نايرۈبىدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافرىقا شۆبە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ھەمدە ھال سورىدى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافرىقا شۆبە ئىستانسىسى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چەتئەلدە قۇرغان تۇنجى شۆبە ئىستانسىسى، 100دىن ئارتۇق خىزمەتچىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئافرىقىلىق، ھەر كۈنى ئىشلىگەن ئىنگىلىزتىلىدىكى پىروگرامما ئافرىقا رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلىرىگە چېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ پىروگراممىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. لى كېچياڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافرىقا شۆبە ئىستانسىنىڭ پىروگرامما مەزمۇنىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان سۈرەتلىرىنى كۆردى، شۆبە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىتىش رايونىدا ئۇ خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، پىروگرامما كۈنتەرتىپى ۋە كۆرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئافرىقا شۆبە ئىستانسىسى ئافرىقىلىقلارنىڭ نەزىرى بىلەن ئافرىقىنى خەۋەر قىلىش، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئېڭى بىلەن ئافرىقىنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگولۇق، ئافرىقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ خۇشال خۇرام ھەمكارلاشقىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تاراتقۇ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىشى كېرەك. بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىپ، دۇنياغا سىگنال يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لى كېچياڭ ئافرىقا شۆبە ئىستانسىسىنىڭ غەيرەت-ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك پىروگرامما ئىشلەپ، دۇنياغا ئافرىقىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇپ، جۇڭگونى چۈشەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر