4-ئاينىڭ 29-كۈنى، مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىنى ھاۋادىن ئىزدەش ئاخىرلاشتى، ئىزدەشكە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى كېتىشتىن بۇرۇن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
8-ماي، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 239 كىشى ئولتۇرغان MH370 ناملىق ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئىككى ئاي بولدى. بۇ ئىككى ئاي داۋامىدا 26 دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش قىسىملىرى شىمالدا ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، جەنۇبتا جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغىچە، شەرقتە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغىچە، غەربتە ئاندامان دېڭىزىغىچە بولغان خەلقئارا قۇتقۇزۇش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دائىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى.
يېقىندا داۋاملىق ئىزدەۋاتقان جۇڭگو، مالايشىيا ۋە ئاۋستىرالىيە يېڭى باسقۇچلۇق ئىزدەش ۋەزىپىسى ھەققىدە كېڭەشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى