باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى تىرىشىپ پەن تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىدۇ

2014.05.12 19:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى پەن تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 12- بەش يىللىق پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاكادېمىيە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىرلىشىپ پەن تېخنىكا تۈرىدىن 55 نى يولغا قويۇپ، سىناق بازىسىدىن 33 نى بىرلىشىپ قۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، 2600 ئادەم قېتىم پەن تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزدى. شىنجاڭغا ئاساسىي قاتلام تېخنىكا خادىملىرى ۋە ۋە دېھقانلاردىن 128 مىڭ 500 ئادەم قېتىم يېتىشتۈرۈپ بەردى ۋە تەربىيەلەپ بەردى، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىدىن 52 نى ئومۇملاشتۇردى. پەن تېخنىكا تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ پەن تېخنىكىغا تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، دېھقانلارنىڭ پەن تېخنىكا ساپاسى ۋە پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى ئارال، شىخەنزە ۋە كورلىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پاختا ئېكولوگىيەلىك سىناق پونكىتى قۇردى ھەمدە 10 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق بازىسىنى قۇردى، يېتىلدۈرگەن كېۋەز يېڭى سورتى كۆلىمى شىنجاڭنىڭ پاختا تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە سېرىق پۇرچاق يېڭى سورتى ۋە يۇقىرى مەھسۇلاتى يېتىلدۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر