باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن كىنياتا بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.12 19:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن كىنىيە دۆلەتلىك سارىيىدا كىنىيە زۇڭتۇڭى كىنياتا بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كىنىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى باسقۇچقا كىردى. جۇڭگو كىنىيە بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە، خادىملارنى تەربىيەلەش، ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ ئىككى تەرەپلىك سودا تەڭپۇڭلۇقىغا قانداق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودا ۋە مەبلەغ سېلىش- ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى، جۇڭگو تاشقى سودىدا ئەزەلدىن ئاكتىپ بالانىس ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. سودا ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى بازار بەلگىلەيدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىنىيەنىڭ بازارلىقى بار تاۋارلارنى جۇڭگوغا ئەكىلىپ تونۇشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كىنىيەنىڭ ياسمىچىلىق قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىىپ، كىنىيەنىڭ سانائەت باغچا رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، كىنىيەنىڭ مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كىنياتا مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، كىنىيە بىلەن جۇڭگو ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، كىنىيەنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. كىنىيە جۇڭگو بىلەن يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كىنىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، كىنىيەنىڭ ئافرىقا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە جۇڭگو بىلەن يېقىندىن تېخىمۇ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر