باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسپىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلىدۇ

2014.05.12 16:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 29 – ئاپرېل ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش نىزامىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كەسپىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشى نەق مەيدان تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى مەۋجۇت بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 2015 – يىلىغىچە كەسپىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزىدىكەن.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش ۋەزىيىتى جىددىي، كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى كۆپ بولۇپ، دوكلات قىلىنغان كەسپىي كېسەلنىڭ سانى يىلدىن – يىلغا ئاشقان. بۇ ئاساسلىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەر كۆپ بولۇش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئاجىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2013 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسپىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2014 – يىلى %70تىن كۆپرەك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، 2015 – يىلى تولۇق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كەسپىي كېسەل خەۋپى مەۋجۇت بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسپىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇل قۇرۇلۇشى كارخانا مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، قائىدە – تۈزۈم، باشقۇرۇش ئاپپاراتى، دەسلەپكى ئالدىنى ئېلىش، ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى، شەخسىي قوغدىنىش، تەربىيەلەش، جىددىي باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر