باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبىي جۇڭگودا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ زىيان ئېغىر بولدى

2014.05.12 19:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ماي كىرگەندىن بۇيان، جەنۇبتا زور كۆلەملىك قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن، مۆلدۈر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى. مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 11-ماي سائەت 20گىچە، بۇ جەرياندا جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىدىكى 33 شەھەر 77 ناھىيە، شەھەر، رايوندا 1 مىليون 216 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 3 كىشى قازا قىلغان، 11-ماي سائەت 20گىچە، جەنۇبتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 1500 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 9200 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش كۆلۈمى 93 مىڭ 100 گېكتارغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 9 مىڭ گېكتار يەردىن مۇتلەق ھوسۇل ئېلىنمىغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 930 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر