باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

2014.05.12 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى چېن شى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مەخسۇس تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيەگە قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 10 – ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مەركىزىي كومېتىت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چېن شى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم 10 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى›› توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەگە قاتناشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭغا كېلىپلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى ۋە پوزىتسىيەسى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەركىزىي كومېتىت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى زور دەرىجىدە قوللىدى. بولۇپمۇ مەركەز شىنجاڭدىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەردى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزنىڭ كادىرلارنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇردى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ھەردەرىجىلىك پارتكوملار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئاساسىنى چىڭىتىدۇ. چېن شى مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا خېلى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى نۇرغۇن 1 – قول ماتېرىيالنى ئىگىلىدۇق. مەركىزىي كومېتىت تەشكىلات بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەركەزگە ياخشى مەسلىھەتچى، ياردەمچى بولۇپ، ئادەمنى ياخشى تاللاپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، مەركەزنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

  مەركىزىي كومېتىت تەشكىلات بۆلۈمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومېتىت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى، قوشۇمچە كادىرلار 1 – ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ شېڭمىڭ ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى›› (تۆۋەندە ‹‹نىزام›› دەپ ئېلىندى) توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، نېمە ئۈچۈن‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ؟ ‹‹نىزام››دا نېمىلەرگە نۇقتىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؟ يېڭى‹‹نىزام››غا قانداق قاراش كېرەك؟ دېگەن ئۈچ جەھەتتىن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرىغا چۈشەنچە بەردى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، خەن يۇڭ قاتارلىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر