باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹سىنا›› تورى جامائەتتىن يەنە كەچۈرۈم سورىدى

2014.05.12 16:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹سىنا›› تورىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 27 – ئاپرېل مەملىكەتلىك ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› ئىشخانىسى بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ‹‹سىنا›› تورىنىڭ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلىق دېلوسى توغرىسىدا جامائەتتىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سوراپ، چارە كۆرۈشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ھەم جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹سىنا›› تورىدا مەزمۇن ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتماسلىق، نازارەت قىلىشقا سەل قاراش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ، مەسئۇل تارماقلارنىڭ چارە كۆرۈشىگە قارىتا، ‹‹سىنا›› تورى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىق، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەيدۇ، تورداشلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنى ‹‹سىنا›› تورىنى نازارەت قىلىش ۋە تەنقىد قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 0000 – 690 – 400، پاش قىلىش ئېلخەت ئادرېسى:

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر