باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ 142 تىپىك دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2014.05.12 16:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 14 – ئاپرېلدىن 18 – ئاپرېلغىچە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 142 تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 21 – ئاپرېل بۇ دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  بۇ دېلولار ئاساسلىقى 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شۇنداقلا جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتى ۋە جۇڭگو ئاليۇمىنچىلىق شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەركەز كارخانىسىغا چېتىلىدۇ.

  بۇ دېلولار ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، توي – تۆكۈن ۋە نەزىر – چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، ھېيت – بايراملاردا سوۋغات قوبۇل قىلىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن چېتىشلىق بولغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر