باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.12 10:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 10-ماي چۈشتىن كېيىن نايروبىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سىتەينا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىجرائىيە مۇدىرى كىرلوس بىلەن كۆرۈشتى.لى كېچياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئولتۇراقلىشىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا مۇھىت، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش،مۇھىت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش،مۇھىت ئاسراش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، دۇنيا شەھەر كۈنى تەسىس قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى مەھكىمە بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  سىتەينا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېشىل ئىقتىساد، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەمدە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولدى. يەرشارى مۇھىتى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى جۇڭگونىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر