باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى شتاتتىكى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

2014.05.12 20:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئىككى شتاتتىكى بۆلگۈنچى تەشكىلات تۈنۈگۈن ئەسلىدە بېكىتىلگەن 11-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى كەينى كەينىدىن قارار قىلدى. بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىلىرى: ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا تۈزگەن پىلاننى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئاتالمىش « دوننىسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» بىلەن «لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» تۈنۈگۈن كەينى كەينىدىن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرمەسلىكنى قارار قىلدى. ئىككى شتاتنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش مەسىلىسى بىرلا يەنى سىز دوننىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللامسىز ياكى لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللامسىز؟ دېگەندىن ئىبارەت.

  ئۈلۈشكۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇركخالتېر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە جەنۋە يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتىنچە پىلان ئىچىدە ئەمەس، بۇنىڭ ئورنىغا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى جەنۋە كېلىشىمى ئىمزالىغان تۆت تەرەپكە كونكرېت ھەرىكەت پىلانىنى يەنى خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. «پىلان»دا ئۇرۇش توختىتىش، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدا سۆزلىشىش ۋە سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپ قىلىندى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى نوۋاك تۈنۈگۈن: رۇسىيە دائىرىلىرى 1-ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئۇكرائىناغا ئالدىن پۇل ئېلىپ ئاندىن گاز بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر