باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇردى

2014.05.12 21:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقى 10-ماي، يېقىندا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنى باشلاشتىن مەقسەت كېيىنكى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئامانلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بىرازىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ ئەسكىرى 17 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان چېگرا رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ساقچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا شۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقىچە داۋاملىشىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىچىلىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئامانلىقىنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يەنە 170 مىڭ ئەسكەر، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان 12 شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر