- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


24-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەرەققىيات خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
2014.05.12 20:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
24- نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 10-ماي بېرمىنىڭ پايتەختى نېببىدا ئېچىلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ۋە ۋەكىلى غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۇرتكە بولۇشنى تىزلىنىپ، ئىچكى ئالاقە بىلەن تاشقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىشلاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئىتتىپاقلىشىپ،تىنچ ۋە گۈللەنگەن ئورتاق گەۋدە قۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرلەش بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى 10-ماي مۇنداق دېدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى پىلانى نۆۋەتتە %80 ئورۇنلاندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىشەنچىسى كامىل.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 1967-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھىندونېزىيە، تايلاند، سىنگاپور، فىلىپپىن، بىرونى، مالايسىيا، ۋېيېتنام، لائوس، كامبودژا ۋە بېرمىدىن ئىبارەت ئەزالىرى بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر