باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك

2014.05.13 09:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بىلەن بىرلىكتە ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  فېڭ جىن، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايون 9 – ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە 2014 – يىللىق ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەت بويىچە ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلدى ھەم خۇلاسىلىدى، شۇنداقلا كېيىنكى باسقۇچتىكى دۆلەت ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك كۆكەرتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاۋ شۇسۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. بوستانلىق، ئورمانلىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %14.95 تىن %23.5 كە يەتتى، ئورمانغا قايتۇرۇش ۋە ئورمان ئەھيا قىلىش كۆلىمى 11 مىليون 719 مىڭ موغا يەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇملىشىپ كەتكەن يەرنىڭ يىللىق كېڭىيىش سۈرئىتى 104.2 كىۋادىرات كىلومېتىردىن ھازىرقى 82.8 كىۋادىرات كىلومېتىرغا ئازايدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ يىللىق ھوسۇلى 15 مىليارد يۈەندىن ھازىرقى 38 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، ئورمانچىلىق تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا گۈزەل جۇڭگونىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. شىنجاڭ ‹‹بايلىق ئېچىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى›› يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئورمانچىلىق خىزمىتىنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، ئورمانچىلىق تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن تۆۋەندىكى بەش نۇقتىدىن ئۈمىدى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچىدىن، شىنجاڭنى ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسىقىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئىككىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، كەسىپلەر بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹قولاي، چاققان، ئۈنۈملۈك›› تۈرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى داۋاملىق يولغا قويۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئورمانچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ بەشىنچىدىن، ‹‹12 – بەش يىل›› ئورمانچىلىقتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك.

  جاۋ شۇسۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى شىنجاڭنى قوللاشنى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا قاتارىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورمانچىلىق كەسپىنى زورايتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، شىنجاڭدا بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق تۈرلەرنى يولغا قويۇش، شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ‹‹چىقىرىش››، شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلاش، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن كادىرلار ئالاقىسى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ بىلەن 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئورمانچىلىق سىستېمىسى بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىشىنى قوللايدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئورمانچىلىق تارماقلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئورمانچىلىق تېخنىكىسى، تەربىيەلەش، كادىرلار ئالاقىسى، تۈر مەبلىغى، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورمان كەسپىنى ئېچىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇشقا، شىنجاڭدىكى ياشلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللەش، ئۇل ئەسلىھە، ئۆز ئەۋزەللىك ساھەسى قاتارلىق توققۇز جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندانى ليۇ شىنچى يىغىندا بىڭتۈەننىڭ ئورمانچىلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  يىغىندا دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىرلىكتە قۇرۇش كېلىشىمى؛ دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى بىلەن دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى باشقۇرۇش كادىرلىرى ئىنستىتۇتى شىنجاڭ شۆبە ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر