باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يوڭ ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىدە ئاپەتنى ئازايتىش مانېۋىرىنى كۆردى

2014.05.13 18:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك 6-ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، دۆلەت كومىسسارى، دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يوڭ بېيجىڭ شەھىرى شىچىڭ رايونى شىشاخەي كوچىسىدا ئوت ئاپىتىدىن ھەر تەرەپلىمە ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش مانېۋىرىنى كۆردى ھەم دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى مانېۋىردا، بېيجىڭ شەھىرىدە ئېغىر يەر تەۋرەش تەقلىدىي مانېۋىرى قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىنىڭ يەر تەۋرەش پەيدا قىلغان گاز چىقىشتىن ئوت كېتىش، ساياھەتچىلەر سۇغا چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىرى قىلىندى، مەخسۇس قۇتقۇزۇش قوشۇنى، مەھەللە ئاممىسى، پىدائىيلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق ئادەم سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئۇچۇر دوكلاتى، جىددىي قوماندانلىق، ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى يۆتكەش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر مانېۋىر قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر