باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەيلى

2014.05.13 09:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىڭتۈەندىكى كادىرلار ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر: باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز، دېيىشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلقى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6 – شىسىغا ئالايىتەن بېرىپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈردى، يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي تۈەن، مەيدانلارنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەرقايسى شىدىن كەلگەن پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇنىڭ مۇھىم سۆزى بىڭتۈەندىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ روھىنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتتى، ئۇلار بەس – بەستە: بىڭتۈەن روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز، دېيىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا: بىڭتۈەندىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە سىياسىي جەھەتتە كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىش، خىزمەتتە كۆپرەك مەدەت بېرىش، تۇرمۇشتا كۆپرەك كۆيۈنۈش كېرەك، دېدى. 6 – شىنىڭ شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى شىنمىن مەھەللىسى 28 – ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى چى جيې باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزىدىن بەكلا خۇشال بولغانىدى. ئۇ: دېھقانچىلىق مەيدانىغا يېڭى كەلگىنىمدە، بۇ يەر قاتنىشى ئارقىدا قالغان، ئۇچۇرلىرى بېكىنمە بىر جاي بولۇپ، ھەممەيلەن كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. ھازىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ھەممەيلەن يېڭى بىنالارغا كۆچۈپ كىردى، كىرىمى يىلدىن – يىلغا ئاشتى. بۇ يىل مەن يەنە تۆت خىزمەتچى بىلەن بىرلىشىپ، بىرەيلەن 1 مىليون يۈەندىن مەبلەغ چىقىرىپ، شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى چىڭچىڭ چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردۇق. باش شۇجىنىڭ بىڭتۈەندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشىدىن بەكلا ھاياجانلاندىم، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىممۇ ئاشتى، دېدى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 58 چېگرا تۈەن – مەيدانى شىنجاڭ چېگراسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم چېگرا لىنىيەسىنى قوغداپ، غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پولات قورغىنىنى قۇردى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ما جۈنۋۇ: كۆپ يىللار ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر بىڭتۈەننىڭ چېگرا تۈەن – مەيدانلىرىنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۈەن، مەيداندا قالغان پەرزەنتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇلار بىڭتۈەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزنىڭ كۆپ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىڭتۈەن روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى توغراش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمەن، دېدى.

  6 – شى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 2 – ليەنىنىڭ مۇئاۋىن تەربىيەچىسى جىن گاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خېنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ، 6 – شىدا ئىككى يىل پىدائىي بولغاندىن كېيىن، ‹‹ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش››تەك بىڭتۈەن روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزلۈكىدىن بىڭتۇەندە قاپتۇ ھەم شارائىتى ئەڭ جاپالىق ليەندۈيگە بېرىپ چېنىقىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىپتۇ. ئۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ‹‹تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمنى دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېغىشلاش›› ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇ جايدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، دېدى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۈنگو: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە كېلىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بىڭتۈەندىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرچ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىش ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شېن جۈنلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى چېگرا رايوننى قۇرۇش ۋە قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ، شىنجاڭ ھەتتا ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى شۈبھىسىزكى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر