باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭنىڭ كېنىيەگە قىلغان زىيارىتى جۇڭگو كېنىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى

2014.05.12 21:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېنىيە باش مىنىستىر لې كېچياڭنىڭ بۇ قېتىم ئافرىقىغا قىلغان سەپىرىدىكى ئاخىرقى بېكەت بولدى. جۇڭگونىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شەنفا يېقىندا، باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو كېنىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، 2000-يىلدىن 2013-يىلىغىچە، جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ سودا سوممىسى 137 مىليون ئامېرىكا يوللىرىدىن 327 مىليون ئامېرىكا دىللىرىغا يېتىپ، 23 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگو كېنىيەنىڭ 1-چوڭ چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغان دۆلىتى ۋە 2-چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى.

  ليۇ شەنفا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى، كېنىيە پىرېزىدېنتى كىنياتا جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ قېتىم باش مىنىستىر لى كېچياڭ كېنىيە پىرېزىدېنتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كېنىيەدە زىيارەتتە بولدى. بىز، جۇڭگو كېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر