باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ پىرېزىدېنت چوڭ سايلىمى رەسمىي باشلاندى، ئۈچ نامزاتنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى

2014.05.12 21:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئالى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى، سۇرىيە پىرېزىدېنتى سايلىمىنىڭ 11-ماي رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى قۇراللىق تەشكىلاتى سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومىس شەھىرىدىن چېكىندى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ شەھەرنى رەسمىي ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈۋالدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ماي خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيە ئالى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 11-ماي پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، سۇرىيەنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى باشار ئەسەد، پارلامېنت باشلىقى ھەجەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مىنىستىرى نۇرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

  بىراق، سۇرىيەدىكى ۋە چەتئەللەردىكى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىزچىل تۈردە چوڭ سايلامغا توسۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، سايلام نەتىجىسىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. سۇرىيە كرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئۆكتىچىلەر باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر