- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراقتا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋە قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 54 كىشى قازا قىلدى
2014.05.12 21:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراق ساقچىلىرى ۋە سەھىيە تارماقلىرى11-ماي مۇنداق دېدى: ئىراقتا ئىككى كۈندىن بۇيان كۆپ قېتىم زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋە قۇراللىق توقۇنۇش يۇز بېرىپ، ئاز دېگەندە 54 كىشى قازا قىلدى، 41 كىشى يارىلاندى.
بۇ زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق بىخەتەرلىك خادىملىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالدىكى نىنەۋە ئۆلكىسىدە يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 34 كىشى قازا قىلغان، 12 كىشى يارىلانغان.
نىنەۋە ئۆلكىسى سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ئىلگىرى بازا تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسى بولغان ئىراق ۋە لىۋان ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتى جانلانغان جاي بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىمىغا قارىتىلغان ھۇجۇم دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر