باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى نايپىداۋ خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى

2014.05.12 21:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى 11-ماي بېرمىنىڭ پايتەختى نايپىداۋدا يېپىلدى. بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق نەتىجىسى، يىغىندا 2015-يىلغا بارغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى نايپىداۋ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى.

  خىتابنامىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا ئالاقەنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ۋە تۈزۈلمە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە كونكرېت تۈرلەر ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 2009-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان يول خەرىتىسىدىكى قالغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىدىن كېيىنكى 2015-يىللىق كەلگۈسى نىشاندىكى پىلانلارنى ۋاقتىدا ئورۇنلاش كېرەك.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايون مۇنبىرى قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىك تۈزۈلمىسى ئارقىلىق، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى سۆزلىشىش، شېرىكلىك جەھەتتە قويۇق ھەمكارلىشىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشى ۋە مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر