باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىر قانچە سائەتكە پايلىمىدى

2014.05.13 18:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 11-ماي ئەتىگەندە، جەنۇبىي سۇداننىڭ بەنىتىئۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا قاتتىق جەڭ بولدى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر ئۆز ئارا قارشى تەرەپنى بۇندىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى.

  جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇپ ئالتە سائەتتىن كىيىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بىراق ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ئاساسلىقى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان ئىتتىپاق ئوبلاستى بىلەن يۇقىرى نىل دەرياسى ئوبلاستىدا يۈز بەردى. بىراق، بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى توپىلاڭچى ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.

  ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۈنۈملۈك ئەمەل قىلىنمىدى، بۇ پىرېزىدېنت جىرنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ كەمچىلىكىنى شۇنداقلا جىرنىڭ ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر