باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېنىيەنىڭ ساياھەت ئورگانلىرى باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە

2014.05.13 18:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېنىيە دۇنيادىكى ئاتاقلىق ساياھەت ئورنى بولۇپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئىنتايىن تەشنا بولىدىغان جاي. باش مىنىستىر لى كېچياڭ كېنىيەدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ساياھەت ساھەسىدىكى ئەربابلار، باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، كېنىيە قاتارلىق شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ يىل يازدا جۇڭگودا چوڭ تىپتىكى ساياھەت تۈرلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

  كېنىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگو كېنىيەنىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى مەنبىيىدە ئالدىنقى 10 ئورۇنغا ئۆتكەن. ئۇلار جۇڭگودا ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە ھەر يىلى كېنىيەگە كېلىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى 100 ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر