باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ دۇنىستىك ئوبلاستى سايلام كومىتېتى %90 گە يېقىن ئاۋاز بەرگۈچىنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللىغانلىقىنى ئېيتتى

2014.05.13 18:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىتېتى 11-ماي كېچىدە، شۇ كۈنى دۇنىستىك ئوبلاستىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندا،%89.07 كىشى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۇنىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنىسىك ئوبلاستى 11-ماي ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆز ئوبلاستىنىڭ مۇستەقىل بولۇش بولماسلىقى مەسىلىسىنى يەرلىك خاراكتېرلىك ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى. ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىككى ئوبلاست ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىدە ھېچقانداق قانۇنى ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دۇنىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنىسك ئوبلاستىدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلىرى 4-ئاينىڭ باشلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇردى ھەمدە 11-ماي ئىككى ئوبلاستنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە يەرلىكتە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قۇراللىق ھەرىكەت قوللىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇنى توسقان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر