- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەڭ ئاخىرقى بازىسىدىن چېكىندى
2014.05.13 18:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 11-ماي خەۋەر قىلىشىچە: ئەنگلىيە ئارمىيەسى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئافغانىستاننىڭ خىلماند ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئەڭ ئاخىرقى بىر بازىسىدىن چېكىنگەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە ئارمىيەسى بۇ يەردە جەمئىي 137 ھەربىي بازا تەسىس قىلغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ بازا ئافغانىستاندا 8 يىل تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. ئەنگلىيەنىڭ 453 ئەسكىرى بۇ يەردە قازا قىلغان.
بۇ قېتىمقى چېكىنىش ئەنگلىيەنىڭ تالىپان كونترول قىلىپ تۇرغان خىلماند ئۆلكىسىدە قوشۇن تۇرغۇزمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. خىلماند ئۆلكىسىدە پەقەت ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرغان بازىسىلار ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەنگلىيە بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن بۇ يەردىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر