باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان چوڭ سايلىمى ئەڭ ئاخىرقى ئاۋاز بېرىش كۈنىگە كىردى

2014.05.13 18:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  36 كۈن داۋاملاشقان ھىندىستان خەلق پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ سايلىمى 12-ماي ئەڭ ئاخىرقى ئاۋاز بېرىش كۈنىگە كىردى. ھىندىستاندىكى ئۇچ شتاتدىكى 90 مىليوندىن كۆپرەك سايلىغۇچى خەلق پارلامېنتتىكى 41 ئورۇنغا ئاۋاز بەردى. سايلام نەتىجىسىنى 16-ماي ھىندىستان سايلام كومىتېتى جاكارلايدۇ.

  ئۇزاقتىن بۇيان، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە كونگىرىسلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاق تەرەققىيات ئىتتىپاقى بىلەن ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلدى. بىراق پۇقرالار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇش، كونگىرىسلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىدە چىرىكلىك ھادىسىلىرى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئىنتايىن نارازى بولدى. ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى پروگراممىسىنى يولغا قويۇش ۋە رەھبىرى مۇدىنىڭ شەخسى كۈچىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇڭا بۇ قېتىمقى سايلامدا ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار دېيىشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر